6ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
7ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.
9سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.
10ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ.