Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 11

لۇقا 11:39-49

Help us?
Click on verse(s) to share them!
39لېكىن رەب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە‫‪‎-‎‬‬قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر.
40ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقۇچى ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟!
41ئەمدى ئۆز ئىچ‫‪‎-‎‬‬ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ.  
42ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا‫‪‎-‎‬‬دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر‫‪‎-‎‬‬يۇ، بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر. دەرۋەقە، ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك.  
43ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان ھۆرمەتلىك سالاملىرىغا ئامراقسىلەر.   
44سىلەرگە ۋاي! چۈنكى سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر! ــ دېدى.  
45تەۋرات ئەھلىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بۇلارنى ئېيتقىنىڭ بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! ــ دېدى.
46ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر‫‪‎-‎‬‬يۇ، ئەمما ئۆزۈڭلار بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىڭلارنى تەگكۈزمەيسىلەر!   
47سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى.
48شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر.
49بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى‫‪:‬‬ «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ».   

Read لۇقا 11لۇقا 11
Compare لۇقا 11:39-49لۇقا 11:39-49