20ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
21كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى دۈشمەننى ئېقىتىپ كەتتى؛ شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر! ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن!
22ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلماقتا، تولپارلىرى چاپماقتا، چاپماقتا.
23مەروزغا لەنەت ئوقۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇڭلار، قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار؛ چۇنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى، زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى.