9ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى.
10ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى).
11ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى).
12كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
13كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.