Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 1

باتۇر ھاكىملار 1:21-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21لېكىن بىنيامىنلار بولسا يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇۋاتقان يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىدى؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار بىنيامىنلار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا.
22يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى.
23يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى).
24چارلىغۇچىلار شەھەردىن بىر كىشىنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز، ــ دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار بېرىپ شەھەردىكىلەرنى ئۇرۇپ قىلىچلىدى؛ لېكىن ئۇ ئادەم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامان قويدى.
26ئۇ ئادەم كېيىن ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىپ، نامىنى لۇز دەپ ئاتىدى. تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ نامى شۇنداق ئاتالماقتا.
27لېكىن ماناسسەھلەر بولسا بەيت‫‪‎-‎‬‬شېئاننى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى، تائاناقنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى ئىشغال قىلمىدى؛ ئۇلار دور ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، ئىبلېئام ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، مېگىددو ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى قوغلىۋەتمىدى، زېمىننى ئالمىدى؛ قانائانىيلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋېرىشكە بەل باغلىغانىدى.   
28ئىسرائىل بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمىدى.
29ئەفرائىملارمۇ گەزەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار گەزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.  

Read باتۇر ھاكىملار 1باتۇر ھاكىملار 1
Compare باتۇر ھاكىملار 1:21-29باتۇر ھاكىملار 1:21-29