Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 19

باتۇر ھاكىملار 19:1-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى.
2لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى.
3ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى.
4ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى.
5تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا‫‪:‬‬ ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى.
7بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى.
8بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئاۋۋال يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى.

Read باتۇر ھاكىملار 19باتۇر ھاكىملار 19
Compare باتۇر ھاكىملار 19:1-8باتۇر ھاكىملار 19:1-8