11بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى.
12ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى.