1يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى:
2ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ
3«ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن.
4ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
5ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار.
6چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛
7مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
8ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
9ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».
10دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
11«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ
12«بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «خۇداغا ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «خۇداغا ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن». كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى.
13ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى.
14ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ.
15ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە،
16شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى.
17مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار.
18ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛
19دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن».
20ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
21ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛
22پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ.
23شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۆزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».