9ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت، مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر.
10ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر.
11ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار.
12ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر.
13ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ ئۆيدىن چىقماس.