1سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى.
2ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار: ــ زادوكنىڭ ئوغلى ئازارىيا كاھىن ئىدى؛
3شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئېلىخورەف ۋە ئاخىياھ كاتىپلار ئىدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات دىۋانبېگى ئىدى؛
4يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى. زادوك بىلەن ئابىئاتار كاھىنلار ئىدى؛
5ناتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا نازارەت بېگى، ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ھەم كاھىن ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.