Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 20

پادىشاھلار «1» 20:25-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
25ئاندىن سىلى مەھرۇم بولغان قوشۇنلىرىغا باراۋەر بولغان يەنە بىر قوشۇننى، يەنى ئاتنىڭ ئورنىغا ئات، ھارۋىنىڭ ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىگە يىغقايلا؛ بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشايلى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈچلۈك كەلمەمدۇق؟». ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ شۇنداق قىلدى.
26كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد سۇرىيلەرنى ئېدىتلاپ تولۇق يىغىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئافەك شەھىرىگە چىقتى.
27ئىسرائىللارمۇ ئۆزلىرىنى ئېدىتلاپ، ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكلىۋىدى، سۇرىيلەرنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى توپ كىچىك ئوغلاق پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن سۇرىيلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلىغانىدى.
28ئەمما خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «سۇرىيلەر‫‪:‬‬ پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھىدۇر، جىلغىلارنىڭ ئىلاھى ئەمەس، دەپ ئېيتقىنى ئۈچۈن، مەن بۇ زور بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، دېدى.
29ئىككى تەرەپ يەتتە كۈن بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھلىرىدا تۇردى. يەتتىنچى كۈنى سوقۇش باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈندە سۇرىيلەردىن يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى.
30قالغانلار ئافەك شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالدى؛ لېكىن سېپىلى ئۆرۈلۈپ ئۇلاردىن يىگىرمە يەتتە مىڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بېسىپ ئۆلتۈردى. بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئۆزى بەدەر قېچىپ شەھەرگە كىرىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە مۆكۈۋالدى.
31خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا بىز ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنى رەھىملىك پادىشاھلار دەپ ئاڭلىدۇق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بەللىرىمىزگە بۆز باغلاپ باشلىرىمىزغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا تەسلىمگە چىقايلى. ئۇ سىلىنىڭ جانلىرىنى ئايارمىكىن؟ ــ دېدى.
32شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ كەمىنىلىرى بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد‫‪:‬‬ «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا‫‪:‬‬ ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى.
33بۇ ئادەملەر بۇ سۆزنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئويلاپ، دەرھاللا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ‫‪:‬‬ ــ بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد سىلىنىڭ بۇرادەرلىرىدۇر! ــ دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى قولىدىن تارتىپ جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى.
34بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن ئالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاتام سامارىيەدە رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلىرىنى تىكلىگەندەك سىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەمەشقتە رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلارنى تىكلەيلا، ــ دېدى. ئاھاب‫‪:‬‬ ــ بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەھدە قىلىشتى ۋە ئۇ ئۇنى قويۇپ بەردى.
35پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى.

Read پادىشاھلار «1» 20پادىشاھلار «1» 20
Compare پادىشاھلار «1» 20:25-35پادىشاھلار «1» 20:25-35