Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 19

پادىشاھلار «1» 19:3-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،
4ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ‫‪:‬‬ ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى.
5ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى.
6ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى.

Read پادىشاھلار «1» 19پادىشاھلار «1» 19
Compare پادىشاھلار «1» 19:3-6پادىشاھلار «1» 19:3-6