Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 15

پادىشاھلار «1» 15:21-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى.
22ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى.
23ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى.
24ئاسا ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
25يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.
26ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسىنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدا ماڭدى.
27لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى فىلىستىيلەرنىڭ تەۋەسىدىكى گىببېتوندا ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب پۈتۈن ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە گىببېتونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى.
28يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بائاشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
29ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبوئامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن نەپىسى بارلارنى بىرىنىمۇ قويماي پۈتۈنلەي يوقاتتى.

Read پادىشاھلار «1» 15پادىشاھلار «1» 15
Compare پادىشاھلار «1» 15:21-29پادىشاھلار «1» 15:21-29