Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 19

يەشۇئا 19:6-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6بەيت‫‪‎-‎‬‬لىبائوت ۋە شارۇھەن بولۇپ، جەمئىي ئون ئۈچ شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
7بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئائىن، رىممون، ئېتەر، ئاشان بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار
8ھەمدە جەنۇب تەرەپتىكى بائالات‫‪‎-‎‬‬بەئەر (يەنى جەنۇبدىكى راماھ)غىچە بولغان بۇ تۆت شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇلار شىمېئونلار قەبىلىسىنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئېرىشكەن مىراسى ئىدى.
9شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى يەھۇدالارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ بېرىلدى؛ چۇنكى يەھۇدالارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۆزلىرىگە كۆپلۈك قىلغانىدى، شۇڭا شىمېئونلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى ئۇلارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنىڭ ئىچىدىن بېرىلدى.
10ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇنلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛ ئۇلارنىڭ مىراس چېگرىسى سارىدقا باراتتى،
11چېگرىسى غەرب تەرەپتە مارېئالاھقا بېرىپ داببەشەتكە يېتىپ يوكنېئامنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېقىنغا تۇتىشاتتى؛
12ئۇ سارىدتىن شەرق تەرىپىگە قايرىلىپ، كۈن چىقىشقا بۇرۇلۇپ كىسلوت‫‪‎-‎‬‬تابور يۇرتىغا تۇتىشىپ، دابىراتقا ئۆتۈپ، يافىياغا باردى؛
13ئاندىن شۇ يەردىن ئۇ شەرق تەرىپىگە كۈن چىقىشقا يەنە بۇرۇلۇپ، گات‫‪‎-‎‬‬ھەفەر ۋە ئەت‫‪‎-‎‬‬كازىنغا كېلىپ نېئاھقا سوزۇلغان رىممون يۇرتىغا يېتىپ باردى.
14ئاندىن ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكە قايرىلىپ، ھانناتونغا يېتىپ بېرىپ، يىفتاھ‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ جىلغىسىدا ئاخىرلاشتى.
15ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى يەنە كاتتات، ناھالال، شىمرون، يىدالاھ ۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬لەھەمنىمۇ ئوراپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
16بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار زەبۇلۇنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
17تۆتىنچى چەك ئىسساكارغا چىقتى، يەنى ئىسساكارلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
18ئۇلارغا بېرىلگەن يۇرتلار يىزرەئەلگىچە بولۇپ، كەسۇللوت، شۇنەم،
19ھافارئايىم، شىئون، ئاناھارات،
20راببىت، كىشىئون، ئېبەز،
21رەمەت، ئەن‫‪‎-‎‬‬گاننىم، ئەن‫‪‎-‎‬‬ھادداھ ۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬پاززەزنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛
22ئاندىن چېگرىسى تابور، شاھازىماھ ۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەشكە يېتىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلاشتى؛ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.

Read يەشۇئا 19يەشۇئا 19
Compare يەشۇئا 19:6-22يەشۇئا 19:6-22