Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 11

لۇقا 11:4-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن».
5ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ‫‪:‬‬ ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛
6چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە،
7ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ‫‪:‬‬ «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن.
8سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ.
9شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ.
10چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ.
11ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟
12تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟
13ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟
14ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.   
15بىراق ئۇلاردىن بەزىلىرى‫‪:‬‬ «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ دېدى.   
16ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى.
17لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئوزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ۋە ھەرقانداق ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
18شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر شەيتان ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە قارشى چىققان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ چۈنكى سىلەر مېنى، «جىنلارنى بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر.
19ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!
20لېكىن مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولغان بولىدۇ.
21تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكى ئامان قالىدۇ؛
22لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلىپ ئۆزىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
23مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە ئادەملەرنى يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر.
24ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، ئۇ قۇرغاق جايلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ؛ بىراق تاپالمىغاندىن كېيىن، «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي!» دەيدۇ.   
25شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ‫‪‎-‎‬‬دە،
26بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ.  
27ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ‫‪:‬‬ ــ سېنى كۆتۈرگەن قورساق ۋە ئېمىتكەن ئەمچەك بەختلىكتۇر! ــ دېدى.

Read لۇقا 11لۇقا 11
Compare لۇقا 11:4-27لۇقا 11:4-27