Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - قانۇن‭ ‬شەرھى - قانۇن‭ ‬شەرھى 11

قانۇن‭ ‬شەرھى 11:5-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئۇنىڭ سىلەر مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە سىلەرگە نېمە قىلغانلىقى،
6ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛
7مەن بەلكى سىلەرگە سۆز قىلىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆردى.
8ئەمدى، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرنى تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار كۈچلىنىپ، ھازىر ئۆتۈپ ئىگىلىمەكچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر
9ۋە پەرۋەردىگار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ئۇلارغا ھەم ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت بىر زېمىندا تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
10چۈنكى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان شۇ زېمىن سىلەر چىققان مىسىر زېمىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ يەر بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقاندىن كېيىن پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان كۆكتاتلىقتەك زېمىن ئىدى؛
11بىراق سىلەر ئىگىلەشكە ئۆتىدىغان شۇ زېمىن بولسا تاغ‫‪‎-‎‬‬جىلغىلىرى بولغان بىر زېمىندۇر؛ ئۇ ئاسماندىكى يامغۇردىن سۇ ئىچىدۇ،
12ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ئەزىزلەيدىغان بىر زېمىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۆزلىرى يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ.
13شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار،
14ئۇ‫‪:‬‬ «مەن زېمىنىڭلارغا ئۆز پەسلىدە يامغۇر، يەنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارنى ئاتا قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئاشلىقلىرىڭلار، يېڭى شارابىڭلار ۋە زەيتۇن مېيىڭلارنى يىغالايسىلەر؛
15مەن شۇنداقلا مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ بېرىمەن؛ سەن يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ تويۇنىسەن» ــ دەيدۇ.
16قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛
17بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر.
18سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلەرگە پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا ئەسلەتمە‫‪‎-‎‬‬بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛
19سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛
20ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار.
21شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىدىغان كۈنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ.
22مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلىغان بۇ پۈتكۈل ئەمرنى ئىخلاس بىلەن تۇتساڭلار، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىشىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا باغلانساڭلار،
23ئۇنداقتا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بۇ بارلىق ئەللەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەيدەيدۇ ۋە سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئىگىلەيسىلەر.
24تاپىنىڭلار دەسسىگەن ھەربىر جاي سىلەرنىڭكى بولىدۇ؛ چېگراڭلار چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن تارتىپ، لىۋانغىچە ۋە ئەفرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ.   
25ھېچكىم ئالدىڭلاردا تۇرالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەردىن بولغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتنى سىلەر دەسسىگەن بارلىق جايلار ئۈستىگە سالىدۇ.
26مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛
27مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت بولىدۇ؛

Read قانۇن‭ ‬شەرھى 11قانۇن‭ ‬شەرھى 11
Compare قانۇن‭ ‬شەرھى 11:5-27قانۇن‭ ‬شەرھى 11:5-27