12پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! ــ دېدى.
13گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى.
14پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ: ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.