Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 6

باتۇر ھاكىملار 6:10-37

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ۋە سىلەرگە‫‪:‬‬ «مانا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ سىلەر ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قورقماڭلار» دېگەنىدىم. لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار»، ــ دېدى.
11ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ ئوفراھ دېگەن جايدا ئابىئېزەر جەمەتىدىكى يوئاشقا تەۋە بولغان دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون مىدىيانىيلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شاراب كۆلچىكى ئىچىدە بۇغداي تېپىۋاتاتتى.
12پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ‫‪:‬‬ ــ ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! ــ دېدى.
13گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز‫‪:‬‬ «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى.
14پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ‫‪:‬‬ ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
15گىدېئون ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، مەن ئىسرائىلنى قانداق قۇتقۇزالايمەن؟ مېنىڭ ئائىلەم بولسا ماناسسەھ قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ نامرىتى، ئۆزۈم ئاتامنىڭ جەمەتىدە ئەڭ كىچىكىدۇرمەن، ــ دېدى.
16پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن جەزمەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ شۇڭا سەن مىدىيانلارنى بىر ئادەمنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ قىرىسەن، ــ دېدى.
17گىدېئون ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ‫‪:‬‬ ــ مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، مەن بىلەن سۆزلەشكۈچىنىڭ ھەقىقەتەن سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسەن؛
18ئۆتۈنىمەن، مەن يېنىپ كېلىپ ئۆز ھەدىيە‫‪‎-‎‬‬قۇربانلىقىمنى ئالدىڭغا قويغۇچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسەن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن يېنىپ كەلگۈچە كۈتىمەن، دېدى.
19گىدېئون بېرىپ ئۆيگە كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى).
20ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى تۆككىن، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇنداق قىلدى.
21پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، قورام تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى.
22شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ‫‪:‬‬ ــ ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! ــ دېدى.
23لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ خاتىرجەم بولغىن! قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ــ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن گىدېئون پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ياھۋەھ‫‪‎-‎‬‬شالوم» دەپ ئاتىدى. بۇ قۇربانگاھ تا بۈگۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا بار.
25ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن ئاتاڭنىڭ چوڭ بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ ئاتاڭغا تەۋە بولغان بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشەراھ بۇتىنى كېسىۋەتكىن.
26ئاندىن مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان، بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئىككىنچى بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، ــ دېدى.
27شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ئون ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقىنىدەك قىلدى؛ لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە شەھەر ئادەملىرىدىن قورققىنى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلماي، كېچىسى قىلدى.
28ئەتىسى سەھەردە شەھەر خەلقى قوپۇپ قارىسا، مانا، بائال قۇربانگاھى ئۆرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھ بۇتى كېسىۋېتىلگەنىدى ۋە يېڭى ياسالغان قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئىككىنچى بۇقا قۇربانلىق قىلىنغانىدى.
29بۇنى كۆرۈپ ئۇلار بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ ــ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرىۋىدى، بۇنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
30شۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئادەملىرى يوئاشقا‫‪:‬‬ ــ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەرگىن! ئۇ بائال قۇربانگاھىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشىراھنى كېسىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن! ــ دېدى.
31بىراق يوئاش ئۆزىگە قارشىلىشىشقا تۇرغان كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالاشماقچىمۇسىلەر؟ سىلەر ئۇنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ كىمكى ئۇنىڭ توغرىسىدا دەۋالاشسا ئەتىگە قالماي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن! ئەگەر بائال دەرۋەقە بىر خۇدا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇربانگاھىنى بىرسى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ئادەم بىلەن ئۆزى دەۋالاشسۇن! ــ دېدى.
32بۇ سەۋەبتىن ئاتىسى گىدېئوننى «يەرۇببائال» دەپ ئاتىدى، چۈنكى ئاتىسى‫‪:‬‬ «ئۇ بائالنىڭ قۇربانگاھىنى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، بائال ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالاشسۇن!» دېگەنىدى.
33ئەمما مىدىيان، ئامالەكلەر ۋە مەشرىقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يىزرەئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى.
34ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدېئوننىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ كاناي چېلىۋىدى، ئابىئېزەر جەمەتىدىكىلەر يىغىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
35ئاندىن ئۇ ئەلچىلەرنى ماناسسەھنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەرنى ئايلىنىپ كېلىشكە ئەۋەتىۋىدى، ماناسسەھلەر يىغىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئاشىرلارغا، زەبۇلۇنلارغا ۋە نافتالىلارغا ئەلچى ئەۋەتىۋىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشتى.
36گىدېئون خۇداغا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغان بولساڭ،
37ئۇنداقتا مانا، مەن خامانغا بىر پارچە قوي تېرىسى قويۇپ قويىمەن؛ ئەگەر پەقەت تېرىنىڭ ئۈستىگىلا شەبنەم چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، مەن ئۆزۈڭ ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن، ــ دېدى.

Read باتۇر ھاكىملار 6باتۇر ھاكىملار 6
Compare باتۇر ھاكىملار 6:10-37باتۇر ھاكىملار 6:10-37