7ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى، تاكى مەنكى دەبوراھ قوزغىلىپ، ئىسرائىلدا بىر ئانا سۈپىتىدە پەيدا بولغىنىمغىچە.
8ئىسرائىللار يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛ ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى. قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا، يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟!
9قەلبىم ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرىگە قايىلدۇر، ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنى ئىختىيارەن پىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار!
10ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، ئى يولدا يۈرگەنلەر، كۆڭۈل بۆلۈڭلار!