14يەھۇدا بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ ئالدى بىلەن يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئىدى.
15ئىسساكار قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىدى.
16زەبۇلۇن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب ئىدى.
17ئاندىن ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ، گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
18رۇبەن بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئىدى.
19شىمېئون قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل ئىدى.