1ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر.
2چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار.
3چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم،
4ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن.