26פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار.
27צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ.
28ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ
29ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ.
30ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ!
31ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!