17ח ئىشقا قاراپ ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛
18ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار.
19י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار.
20כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار.
21ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
22מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر.