Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 30

پەند-نەسىھەتلەر 30:20-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
20زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك‫‪:‬‬ «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ.
21يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار‫‪:‬‬ ــ
22پادىشاھ بولغان قۇل، تاماققا تويغان ھاماقەت،
23نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك.
24يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار‫‪:‬‬ ــ
25چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛
26سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛
27چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛
28كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ.
29قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار‫‪:‬‬ ــ

Read پەند-نەسىھەتلەر 30پەند-نەسىھەتلەر 30
Compare پەند-نەسىھەتلەر 30:20-29پەند-نەسىھەتلەر 30:20-29