3ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ،
4ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،
5ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ.
6چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ.
7ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر.