1يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر.
2يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان-مۇقىم ئۇزۇن تۇرار.
3مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى زىرائەتلەرنى ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ.