17تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر.
18ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ.
19سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر.
20تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ ئاچ كۆزلىرى قانائەت تاپماس.
21ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار.
22ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار.
23پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، مال-ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛
24چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟
25قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا،
26شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر،