22شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.
23شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.
24سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇز يېتىپ-قوپقان ياخشى.
25ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار.
26پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر.
27ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.