Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 25

پەند-نەسىھەتلەر 25:1-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن‫‪:‬‬ ــ
2پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛ پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە.
3ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى، زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس.
4ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا، ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار.
5ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار.
6پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛
7ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر.  
8ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ ئۈستۈن چىقىپ سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟
9يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
10بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن.
11ۋاقتى‫‪‎-‎‬‬جايىدا قىلىنغان سۆز، كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر.
12قۇلاققا ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار.
13خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك، ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى‫‪‎-‎‬‬قارنىنى ياشارتار.  
14يامغۇرى يوق بۇلۇت‫‪‎-‎‬‬شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
15ئۇزۇنغىچە سەۋر‫‪‎-‎‬‬تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.
16سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟ ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن.
17قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە، ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن.
18يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر.
19سۇنۇق چىش بىلەن چايناش، توكۇر پۇت بىلەن مېڭىش، كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر.
20قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش، قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر.  
21دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛   
22شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.

Read پەند-نەسىھەتلەر 25پەند-نەسىھەتلەر 25
Compare پەند-نەسىھەتلەر 25:1-22پەند-نەسىھەتلەر 25:1-22