29«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما.
30مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم،
31مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!
32ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ
33سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ،
34نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار.