21ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما.
22بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
23بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.
24جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر.
25بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر.
26دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر.