27چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛
28ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر.
29كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟
30دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار!
31شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما!
32ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ.
33كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ.