25بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن.
26باشقىلارغا كېپىل بولۇپ قول بەرگۈچىلەردىن بولما، قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛
27سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى!
28ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە.
29ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.