Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 1

پەند-نەسىھەتلەر 1:7-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
8ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛
9چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.
10ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
11ئەگەر ئۇلار‫‪:‬‬ ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!
12تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛
13ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز.
14بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ
15ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!
16چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.
17ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛

Read پەند-نەسىھەتلەر 1پەند-نەسىھەتلەر 1
Compare پەند-نەسىھەتلەر 1:7-17پەند-نەسىھەتلەر 1:7-17