5يامانغا يان بېسىشقا، سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس.
6ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار.
7ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.
8غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.
9ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ، بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ.
10پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار.
11باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛ نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار.
12بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر.
13سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن، ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر.
14تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟
15يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە، ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە.
16سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر.
17دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛ لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر.
18چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛ غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار.
19رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛ جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر.
20ئادەم دۇرۇس سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛ ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار.
21ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر.
22خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.