24ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار.
25ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
26پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.
27پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار.
28پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛ پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر.
29ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛ چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار.
30خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛ ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار.
31مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.
32يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار.
33يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛ بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس.
34ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛ گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار.
35پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر.