4پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.
5ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر.
6يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار.
7يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.
8ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس.
9پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر.