Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 10

پەند-نەسىھەتلەر 10:2-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.
3پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.  
5يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
7ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8دانا ئادەم يوليورۇق‫‪‎-‎‬‬نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت‫‪‎-‎‬‬كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
9غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت‫‪‎-‎‬‬كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.  
12ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 10پەند-نەسىھەتلەر 10
Compare پەند-نەسىھەتلەر 10:2-12پەند-نەسىھەتلەر 10:2-12