Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2» - پادىشاھلار «2» 13

پادىشاھلار «2» 13:1-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاھازىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى، يەھۇنىڭ ئوغلى يەھوئاھاز سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يەتتە يىل سەلتەنەت قىلدى.
2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ھېچ چىقمىدى.
3بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلارنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ۋە ھازائەلنىڭ ئوغلى بەن‫‪‎-‎‬‬ھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
4يەھوئاھاز پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلىدى؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دۇئاسىغا قۇلاق سالدى. چۈنكى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتاتتى.
5پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇرىيلەرنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇپ قۇتۇلدى. كېيىن ئىسرائىل يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆي‫‪‎-‎‬‬چېدىرلىرىدە ماكانلاشتى.
6لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئام جەمەتىنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى؛ ئۇلار يەنىلا شۇ يولدا ماڭاتتى. ھەتتا سامارىيەدە بىر «ئاشەراھ» بۇتمۇ قالغانىدى.
7سۇرىيەنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ قوشۇنىنى يوقىتىپ خاماندىكى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى.
8ئەمدى يەھوئاھازنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
9يەھوئاھاز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوئاش ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
10يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى.
11ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىمىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ماڭاتتى.
12ئەمدى يوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
13يوئاش ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە يەروبوئام ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئارىسىدا دەپنە قىلىندى.
14ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ‫‪:‬‬ ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى.  
15ئېلىشا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ بىر يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگىن، دېدى. ئۇ يا بىلەن يا ئوقلىرىنى كەلتۈرگەندە
16ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا‫‪:‬‬ قولۇڭنى ياغا سېلىپ تۇتقىن، دېدى. ئۇ قولىنى قويغاندا ئېلىشامۇ قوللىرىنى پادىشاھنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬
17ــ مەشرىق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچقىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئاچقاندا ئېلىشا‫‪:‬‬ ئاتقىن، دېدى. ئۇ ئېتىۋىدى، ئېلىشا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت يا ئوقى، يەنى سۇرىيەنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىدىغان يا ئوقىدۇر. سەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئافەقتە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىسەن، دېدى.
18ئاندىن ئۇ‫‪:‬‬ ــ يا ئوقلىرىنى قولۇڭغا ئالغىن، دېدى. ئۇلارنى ئالغاندا، ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا‫‪:‬‬ ئۇلار بىلەن يەرگە ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ توختىدى.
19خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ‫‪:‬‬ سەن بەش‫‪‎-‎‬‬ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، سەن سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ يوقىتىپ ئۈزۈل‫‪‎-‎‬‬كېسىل مەغلۇپ قىلاتتىڭ؛ لېكىن ئەمدى سۇرىيلەرنى ئۇرۇپ، پەقەت ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، دېدى.
20ئېلىشا ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى. ئەمدى ھەر يىلى، يىل بېشىدا موئابلاردىن توپ‫‪‎-‎‬‬توپ بۇلاڭچىلار يۇرتقا پاراكەندىچىلىك سالاتتى.
21بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، خەلق بىر ئۆلگەن ئادەمنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، مانا، ئۇلار بىر توپ بۇلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار جەسەتنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. جەسەت ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە، ئۇ تىرىلىپ، قوپۇپ تىك تۇردى.
22ئەمما سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بولسا يەھوئاھازنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلغا زالىملىق قىلاتتى.
23لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ ئىچ ئاغرىتاتتى؛ ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ياقۇپقا باغلىغان ئەھدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلماي، ئۆز ھۇزۇرىدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمىغانىدى.

Read پادىشاھلار «2» 13پادىشاھلار «2» 13
Compare پادىشاھلار «2» 13:1-23پادىشاھلار «2» 13:1-23