Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 22

پادىشاھلار «1» 22:18-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا‫‪:‬‬ ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى.
19مىكايا يەنە‫‪:‬‬ ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
20پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛
21شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ‫‪:‬‬ «مەن بېرىپ ئالداي»، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» ــ دەپ سورىۋىدى،
22ئۇ‫‪:‬‬ ‫‪‎-‎‬‬ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى.
23مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى بىر روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى.
24شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى.
25مىكايا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى.
26ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى‫‪:‬‬ ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ،
27ئۇلارغا تاپىلاپ‫‪:‬‬ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ نان بىلەن سۇنى ئاز‫‪‎-‎‬‬ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دېگىن، دەپ بۇيرۇدى.
28مىكايا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى.
29ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى.
30ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا‫‪:‬‬ ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىققايلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى.
31سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا‫‪:‬‬ ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
32ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە‫‪:‬‬ ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى.
33جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.
34ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە‫‪:‬‬ ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى.
35ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ بولسا سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. زەخمىدىن قېنى ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ، كەچ كىرگەندە ئۇ ئۆلدى.

Read پادىشاھلار «1» 22پادىشاھلار «1» 22
Compare پادىشاھلار «1» 22:18-35پادىشاھلار «1» 22:18-35