Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 20

پادىشاھلار «1» 20:6-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6لېكىن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا خىزمەتكارلىرىمنى يېنىڭغا ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئورداڭ بىلەن خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، ئۇلار شۇنى قولىغا ئېلىپ كېلىدۇ» ــ دېدى.
7ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زېمىندىكى ھەممە ئاقساقاللارنى چاقىرىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ كىشىنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىك چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئۇ ماڭا خەۋەر ئەۋەتىپ مەندىن خوتۇنلىرىم بىلەن بالىلىرىم، كۈمۈش بىلەن ئالتۇنلىرىمنى تەلەپ قىلغىنىدا مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، دېدى.
8بارلىق ئاقساقاللار بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قۇلاق سالمىغىن، ئۇنىڭغا ماقۇل دېمىگىن، دېدى.
9بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەن‫‪‎-‎‬‬ھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە‫‪:‬‬ ــ غوجام پادىشاھقا، سىلى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆز كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە سورىغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ لېكىن كېيىنكىسىگە ماقۇل دېيەلمەيمەن، دەپ بېرىڭلار، ــ دېدى. ئەلچىلەر يېنىپ بېرىپ شۇ سۆزنى يەتكۈزدى.
10بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ «پۈتكۈل سامارىيە شەھىرىدە ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرىغا ئوچۇملىغۇدەك توپا قېلىپ قالسا، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!» ــ دېدى.
11لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ «ساۋۇت‫‪‎-‎‬‬قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت‫‪‎-‎‬‬قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
12بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەرقايسى پادىشاھلار بىلەن چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا‫‪:‬‬ ــ سەپكە تىزىلىڭلار، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تىزىلىشتى.
13ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى.

Read پادىشاھلار «1» 20پادىشاھلار «1» 20
Compare پادىشاھلار «1» 20:6-13پادىشاھلار «1» 20:6-13