Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 20

پادىشاھلار «1» 20:13-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى.
14ئاھاب‫‪:‬‬ ــ كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى بىلەن بولىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ كىم ھۇجۇمنى باشلايدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ سەن ئۆزۈڭ، دېدى.
15ئۇ ۋاقىتتا ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرىنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى نەپەر چىقتى. ئاندىن كېيىن ئۇ ھەممە خەلقنى، يەنى بارلىق ئىسرائىللارنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ نەپەر چىقتى.
16ئىسرائىللار شەھەردىن چۈش ۋاقتىدا چىقتى. بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد بىلەن شۇ پادىشاھلار، يەنى ياردەمگە كەلگەن ئوتتۇز ئىككى پادىشاھ بولسا چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىپ مەست بولۇشقانىدى.
17ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى يۈرۈشتە ئاۋۋال ماڭدى. بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ‫‪:‬‬ ــ «سامارىيەدىن ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ» ــ دېدى.
18ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سۈلھى تۈزۈشكە چىققان بولسا ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، ئەگەر سوقۇشقىلى چىققان بولسىمۇ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، دېدى.
19ئەمدى ۋالىيلارنىڭ بۇ غۇلاملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى قوشۇن شەھەردىن چىقىپ،
20ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سۇرىيلەر قاچتى؛ ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلىدى. سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد بولسا ئاتقا مىنىپ ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى.
21ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى چىقىپ ھەم ئاتلىقلارنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ سۇرىيلەرنى قاتتىق قىر‫‪‎-‎‬‬چاپ قىلدى.
22پەيغەمبەر يەنە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزۈڭنى ئوبدان دەڭسەپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئويلاپ باققىن. چۈنكى كېلەر يىلى ئەتىيازدا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى يەنە چىقىدۇ، دېدى.
23سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، ئۇلار بىزگە كۈچلۈك كەلدى. لېكىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشساق، جەزمەن ئۇلارغا كۈچلۈك كېلىمىز.
24ئەمدى شۇنداق قىلغايلىكى، پادىشاھلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مەنسىپىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ۋالىيلارنى تىكلىگەيلا.

Read پادىشاھلار «1» 20پادىشاھلار «1» 20
Compare پادىشاھلار «1» 20:13-24پادىشاھلار «1» 20:13-24