Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 15

پادىشاھلار «1» 15:9-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئام سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئاسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ
10يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى.
11ئاسا ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
12ئۇ كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىندىن ھەيدەپ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ياساتقان ھەممە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى يوقىتىۋەتتى.   
13ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشەراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.   
14«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى.
15ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى.
16ئەمدى ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر‫‪‎-‎‬‬بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى.
17ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى.
18ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردە قالغان بارلىق ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈش ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشنى ئېلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى ھېزىئوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەن‫‪‎-‎‬‬ھادادقا ئەۋەتتى ۋە شۇلار بىلەن بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ‫‪:‬‬ ــ
19«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن ھەدىيە ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى.
20بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، بەيت‫‪‎-‎‬‬مائاقاھدىكى ئابەل، پۈتكۈل كىننەرەت يۇرتى بىلەن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېقىندۇردى.
21بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى.
22ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى.
23ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى.
24ئاسا ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
25يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.

Read پادىشاھلار «1» 15پادىشاھلار «1» 15
Compare پادىشاھلار «1» 15:9-25پادىشاھلار «1» 15:9-25