Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 11

يەشۇئا 11:3-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئۇ يەنە شەرق بىلەن غەرب تەرەپتىكى قانائانىيلار، ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر بىلەن تاغلىق رايوندىكى يەبۇسىيلار ۋە ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى مىزپاھ يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلارنى چاقىردى.
4ئۇلار، يەنى پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوشۇنلىرى چىقتى؛ ئۇلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى.
5بۇ ھەممە پادىشاھلار بىر بولۇپ يىغىلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەروم سۇلىرىنىڭ بويىدا چېدىرلارنى تىكتى.
6لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا‫‪:‬‬ ــ سەن ئۇلاردىن ھېچ قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ھالاكەتكە تاپشۇرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىسەن، ــ دېدى.
7بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ ھەممە جەڭچىلىرى مەروم سۇلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشۈپ ھۇجۇم قىلدى.
8پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلارنى ئۇرۇپ چوڭ زىدون ۋە مىسرەفوت‫‪‎-‎‬‬مايىمغىچە، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى مىزپاھ ۋادىسىغىچە سۈرۈپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.
9يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
10شۇ چاغدا يەشۇئا قايتىپ بېرىپ، ھازورنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ھازور بولسا شۇ دەۋرلەردە ئاشۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بېشى ئىدى.
11ئىسرائىللار شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل‫‪‎-‎‬‬كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى،
12شۇ پادىشاھلارنىڭ بارلىق پايتەخت شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۈزۈل‫‪‎-‎‬‬كېسىل يوقاتتى.
13لېكىن ئېگىزلىككە سېلىنغان شەھەرلەرنى بولسا، ئىسرائىل كۆيدۈرمىدى؛ يەشۇئا ئۇلاردىن پەقەت ھازورنىلا كۆيدۈرۈۋەتتى.
14ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەرنى ۋە چارپايلارنى ئۆزلىرىگە ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچلاپ يوقاتتى؛ ئۇلار بىرمۇ نەپەس ئىگىسىنى تىرىك قويمىدى.
15پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، مۇسامۇ يەشۇئاغا شۇنى بۇيرۇغانىدى ۋە يەشۇئامۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدىن ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى شۇ بويىچە ئادا قىلدى.
16شۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى، يەنى تاغلىق رايوندىكى زېمىنلارنى، بارلىق جەنۇبىي نەگەۋ زېمىنىنى، بارلىق گوشەن زېمىنىنى، ئويمانلىقتىكى زېمىنلارنى، تۈزلەڭلىكتىكى زېمىنلارنى ۋە ئىسرائىلنىڭ تاغلىق رايونلىرىنى ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىنى،

Read يەشۇئا 11يەشۇئا 11
Compare يەشۇئا 11:3-16يەشۇئا 11:3-16