33ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن: ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
34لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى.
35ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى.
36ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
37ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
38يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى.
39لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.