Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 7

لۇقا 7:17-38

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.
18يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ،
19ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
20ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ‫‪:‬‬ ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن‫‪:‬‬ «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى.
21دەل شۇ ۋاقىتتا ئەيسا ئاغرىق‫‪‎-‎‬‬سىلاق ۋە كېسەل‫‪‎-‎‬‬ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى.
22شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
23ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
24يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ‫‪:‬‬ ــ «سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟
25ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش‫‪‎-‎‬‬ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ!
26ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ بولسا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
27چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى‫‪:‬‬ ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر.   
28چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ
29(ئەمدى يەھيانى ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى.
30لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت‫‪‎-‎‬‬ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).
31لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟
32ئۇلار خۇددى رەستە‫‪‎-‎‬‬بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا‫‪‎-‎‬‬زار قىلمىدىڭلار» دەپ قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.
33چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر‫‪:‬‬ «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر.   
34ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر‫‪:‬‬ «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر.
35لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».
36پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى.   
37ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى.
38ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى.

Read لۇقا 7لۇقا 7
Compare لۇقا 7:17-38لۇقا 7:17-38