17شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى.
18شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى.
19بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.
20ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى.
21تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى.
22بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟
23«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟
24ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى.
25ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
26ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى.
27بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
28ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
29لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى.
30بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى.
31ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر.
32مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.
33ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى.
34ئۇ ئۇلارغا: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟