Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 23

لۇقا 23:31-43

Help us?
Click on verse(s) to share them!
31چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى.  
32ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى.
33ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى.   
34ئەيسا‫‪:‬‬ ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.
35خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ‫‪:‬‬ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى.
36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ‫‪:‬‬
37ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى.
38ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن‫‪:‬‬ «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى.  
39ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ‫‪:‬‬ ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى.
40بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ‫‪:‬‬ سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟
41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
42ئاندىن، ئۇ ئەيساغا‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى.
43ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى.

Read لۇقا 23لۇقا 23
Compare لۇقا 23:31-43لۇقا 23:31-43