47ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا سالام بېرىپ سۆيگىلى قېشىغا باردى.
48ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى.
49ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى.
50ۋە ئۇلاردىن بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى.
51بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى.
52ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟
53مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى.