13ئاخىردا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ.
14بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟
16ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى.
17لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
18بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.